ئەڭ يېڭى خەلقئارالىق خەۋەرلەر ( 12-ئاينىڭ 9 -كۈنى چارشەنبە) - [دەۋىر ئەڭ يېڭى خەلقئارالىق خەۋ] |
8-چىسلا دۇنيا بانكىسى باشلىغى زورىك ياپونىيىدىكى مۇخبىرلار زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى دۇبەي كرىزىسىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرىنىڭ چەكلىكلىكى ھەم بۇ مەسلىنى پايدا-زىيان ئىگىلىرى ئارا سۆھبەت ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيىتى.



ئامىرىكا زوڭتۇڭى ئوبامانىڭ نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىلان قىلغان ئافغانىستانغا 30 مىڭ ئەسكەر كۆپەيتىش قارارى كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. شۇنىڭ بىلەن 9 - چىسلا «ئۇرۇش زوڭتۇڭى» دېگەن قالپاقنى كىيىپ نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىنى ئالغىلى نورۋېگىيىنىڭ ئوسلو شەھىرىگە ئاتلانغان. ئوبامانىڭ نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىپلا چىقارغان ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىش قارارى ئۇنىڭ قارشىلاشقۇچىلىرىنىڭ غەزىۋىنى كەلتۈرگەنلىكتىن، نورۋېگىيە تەرەپ ئوبامانىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈنلا 16 مىليون دوللار ئاجراتقان. بۇ پۇل نوبىل مۇكاپاتى قىممىتىنىڭ 10 ھەسسىگە توغرا كىلىدىكەن.

7 - دېكابر ئىران ئۇقۇغۇچىلار كۈنى بولۇپ، زور بىر تۈركۈم بۇ قېتىم زوڭتوڭ سايلىمىدىكى مۇساۋېينىڭ قوللىغۇچىلىرى، ئوقۇغۇچىلار قوشۇلۇپ ئەخمەت نىجادنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت ساقچى تەرەپ بىلەن قارشىلىشىپ نامايىش قىلغان، نەتىجىدە 204 ئادەم قولغا ئېلىنغان.



8 - دېكابر ئىراقنىڭ باغداتتا ئارقا - ئارقىدىن ھۆكۈمەتكە قارىشى پارتىلتىش يۈز بىرىپ، ئۆلگەن ئادەم سانى 112 گە، يارلانغان ئادەم 425 كە يەتكەن.
كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزىلىدىغان چوڭ سايلامنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگېشىپ ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئېنتايىن كەسكىنلەشمەكتە.




ھەر ۋاقىت قەدەم-تەشرىپ قىلىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !!
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى بىلمەكچى بولسىڭىز قەدىمىڭىز دەۋىر مەھەللىسىدە بولسۇن !!
